ئورنىڭىز:
مۇلازىمەت مەركىزى
1.نېمە ئۈچۈن سۇغۇرتىلاتقاندا شۇنچە كۆپ ساغلاملىق سوئال قەغىزىنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ؟
ساغلاملىق سوئال قەغىزىدىكى مەسىلە مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى تەرىپى، خېرىدارلارنىڭ ئىلگىرىكى تارىخى، يەنى خېرىدارلارنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشى، داۋالىنىشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى.
يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنىڭ جەمەت تارىخى، يەنى خېرىدارلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە جەمەت ئىرسىيەتلىك كېسەللىك بارمۇ-يوق دېگەنلەر.سۇغۇرتا شىركىتى خېرىدارنىڭ ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، خېرىدارلارنىڭ مۆلچەرلەنگەن ئۆلۈش نىسبىتى، كېسەل بولۇش نىسبىتى قاتارلىقلارنى تاللاپ سۇغۇرتىلاش-سۇغۇرتىلىماسلىقنى ياكى شەرت-شارائىت سۇغۇرتىلاشنى قارار قىلىدۇ. شۇڭا خېرىدار سۇغۇرتىلاتقاندا ساغلاملىق سوئال قەغىزىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئەينەن تولدۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى، شىركەت خېرىدارلارنىڭ ساغلاملىق ماتېرىياللىرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
2.قايسى كىشىلەر سۇغۇرتا سېتىۋالسا سۇغۇرتا ھەققىنى قوشۇپ ئالىدۇ؟كۆپ ئۇچرايدىغان ھەق قوشۇش سەۋەبى قايسىلار؟
ئادەتتە كەسىپ بىر قەدەر خەتەرلىك، سالامەتلىك ئەھۋالى ناچار، شۇنىڭدەك ناچار تۇرمۇش ئادىتى بارلار سۇغۇرتىغا قاتناشسا سۇغۇرتا ھەققىنى قوشۇپ ئالىدۇ. مەسىلەن بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېغىر بولۇش، تاماكا چېكىش زىيادە كۆپ بولۇش، قان بېسىمى نورمالسىز بولۇش، قاندىكى ماي ئېشىپ كېتىش، دىئابېت، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرۈش، جىگەرنى ماي قاپلاش، جەمەت كېسەللىك تارىخىدا ئىرسىيەت قېلىش ياكى ئىرسىيەت قېلىش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دائىم كۆرۈلىدىغان ھەق قوشۇش سەۋەبلىرىدۇر.
3.بالا ئۈچۈن سۇغۇرتا سېتىۋالسا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قانداق بەلگىلىمىسى بار؟
خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، قۇرامىغا يەتمىگەن سۇغۇرتىلانغۇچىنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سۇغۇرتىلاش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى، ئاتا-ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆلۈشنى شەرت قىلغان جىسمانىي سۇغۇرتىنى سۇغۇرتىلاتماقچى بولسا ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرى ئىمزا قويۇپ ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنىڭ 100مىڭ يۈەن بولدىغانلىقىنى بېكىتكەن(سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆز شىركىتى ۋە باشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرى سېتىۋالغان ياكى ئىلتىماس قىلغان جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە بېرىدىغان سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ يىغىندىسى)
4.سۇغۇرتا تالونىنى تولدۇرغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچىغا ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇشقا بولامدۇ ؟
«سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 55-ماددىسىدا «ئۆلۈم سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرتى قىلىنغان توختامدا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ھەمدە سۇغۇرتا سوممىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسا توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئاتا - ئانىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى سۇغۇرتىلاتقاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئىمزا قويۇشى ھاجەتسىز.
5.قايسى كىشىلەر مەنپەئەتدار دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؟
مەنپەئەتلەنگۈچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇشى شەرت، قۇرامىغا يەتكەن سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ۋاپات بولغان سۇغۇرتا پۇلىدا مەنپەئەتلەنگۈچى بولسا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ جورىسى، پەرزەنتى ياكى ئاتا-ئانىسى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ۋاپات بولۇش سۇغۇرتا پۇلى مەنپەئەتدارى بولسا ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مەنپەئەتلەنگۈچى بىر ياكى بىر نەچچە دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ، ئەگەر بىر قانچە مەنپەئەتلەنگۈچى بولسا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىنىش تەرتىپى ۋە ئۈلۈشىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
6.سۇغۇرتىلاتقۇچى قايسى كىشىلەرگە سۇغۇرتا سېتىۋالسا بولىدۇ؟
«سۇغۇرتا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى ئوتتۇرىسىدا سۇغۇرتا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇشى شەرت، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى، جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىسى ۋە بېقىش، بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنى سۇغۇرتىلاتسا بولىدۇ.